قۇرئان كەرىم

Books

Only for iPhone

Free

iPhone

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم بۇ دېتال، قۇرئان كەرىم دېتالى ئۆز كاتېگورىيىسىدە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق دېتال. بۈگۈنگە قەدەر لۇغەت، قامۇس، ئۈن - سىن ، تور ۋە مۇنبەر قاتارلىق ساھەلەردە خېلى ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە دېتاللار ياسىلىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنگىچە بۇنداق بىر دېتال ياسالغان ئەمەس. بىز ھازىرغا قەدەر ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدۇق دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق ئويلاپ قالساق خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ھازىرغىچە بىر نەچچىلىگەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان دېتاللار خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ دېتاللار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ۋاقىت ئاجراتقان ياكى ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا بۇ دېتالنىڭ ئۆزگىچىلىكى نېمە؟ - بۇ دېتال نۆلدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىلدى. - يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھىلەندى. - قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كونا يېزىق، لاتىن يېزىقى ۋە كرىل يېزىقى بىلەن بولۇپ جەمئى ئۈچ خىل شەكىلدە قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىش ياكى تاللاپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولۇشىڭلار ئۈچۈن 2013 – يىلى نەشىر قىلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىمۇ قوشۇلدى. (كېلەر قېتىمقى نەشرىدە قوشۇلىدۇ) - ئۇيغۇرچىدىن باشقا يەنە ئون نەچچە تىل قوشۇلدى. - تەپسىر (ھازىرچە ئەرەبچىسى قوشۇلدى، كېلەر قېتىمقى نەشرىدە ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇش نىيىتىمىز بار)، قۇرتۇبى، سەئدىي، بەغەۋىي، ئىبنى ئاشۇر، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە ئەلۋسىيت قاتارلىق ئەسەرلەر قوشۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن تورسىز پايدىلىنالايسىز. - ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى. - ئايەتلەرنى تاللانغان تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ھەمبەھىرلەش ياكى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى. - بەت ۋە پارە ئالمىشىش ئاسانلاشتۇرۇلدى. - قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىدىن باشقا بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تورسىز بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. - قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق قارىمدىن خالىغىنىڭىزنى تاللاپ ئاڭلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى (داۋاملىق يېڭىسى قوشۇلۇپ تۇرىدۇ ئىنشا ئاللاھ). - قىسقىچە بۇ دېتال لايىھىسى كۆركەم ۋە ئۆزگىچە، ئىقتىدارى ياخشى، قوللىنىشچان. بۇ دېتال پايدىلىنىشىڭىزنى، كېچىسىنى كۈندۈزىگە قېتىپ بۇ دېتالنىڭ كودىنى يازغان، لايىھەلىگەن، تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىڭىز بولسا دۇئالىرىڭىزنى كۈتمەكتە. جانابى ئاللاھتىن بۇ دېتالنى خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، بىز ئۈچۈن بولسا سەدەقەئى جارىيە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

  • 4.6
    out of 5
    41 Ratings

بەزى يانفۇنلاردا قارا ئىكران چىقىۋىلىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى دۇئا ھەمبەھىرلەشتە كۆرۈلگەن مەسىلە تۈزىتىلدى

The developer, Abdullah karakas, has not provided details about its privacy practices and handling of data to Apple. For more information, see the developer’s privacy policy .

  • No Details Provided

    The developer will be required to provide privacy details when they submit their next app update.

    The developer has not yet indicated which accessibility features this app supports. Learn More

    • Seller
      • Abdullah karakas
    • Size
      • 126.7 MB
    • Category
      • Books
    • Compatibility
      Requires iOS 11.4 or later.
      • iPhone
        Requires iOS 11.4 or later.
      • iPod touch
        Requires iOS 11.4 or later.
      • Apple Vision
        Requires visionOS 1.0 or later.
    • Languages
      • English
    • Age Rating
      4+
    • Copyright
      • © 2017