![](/assets/artwork/1x1-42817eea7ade52607a760cbee00d1495.gif)
قۇرئان كەرىم 4+
Abdullah karakas
-
- Free
iPhone Screenshots
Description
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
بۇ دېتال، قۇرئان كەرىم دېتالى ئۆز كاتېگورىيىسىدە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق دېتال. بۈگۈنگە قەدەر لۇغەت، قامۇس، ئۈن - سىن ، تور ۋە مۇنبەر قاتارلىق ساھەلەردە خېلى ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە دېتاللار ياسىلىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنگىچە بۇنداق بىر دېتال ياسالغان ئەمەس. بىز ھازىرغا قەدەر ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدۇق دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق ئويلاپ قالساق خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ھازىرغىچە بىر نەچچىلىگەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان دېتاللار خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ دېتاللار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ۋاقىت ئاجراتقان ياكى ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا بۇ دېتالنىڭ ئۆزگىچىلىكى نېمە؟
- بۇ دېتال نۆلدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىلدى.
- يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھىلەندى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كونا يېزىق، لاتىن يېزىقى ۋە كرىل يېزىقى بىلەن بولۇپ جەمئى ئۈچ خىل شەكىلدە قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىش ياكى تاللاپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولۇشىڭلار ئۈچۈن 2013 – يىلى نەشىر قىلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىمۇ قوشۇلدى. (كېلەر قېتىمقى نەشرىدە قوشۇلىدۇ)
- ئۇيغۇرچىدىن باشقا يەنە ئون نەچچە تىل قوشۇلدى.
- تەپسىر (ھازىرچە ئەرەبچىسى قوشۇلدى، كېلەر قېتىمقى نەشرىدە ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇش نىيىتىمىز بار)، قۇرتۇبى، سەئدىي، بەغەۋىي، ئىبنى ئاشۇر، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە ئەلۋسىيت قاتارلىق ئەسەرلەر قوشۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن تورسىز پايدىلىنالايسىز.
- ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- ئايەتلەرنى تاللانغان تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ھەمبەھىرلەش ياكى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- بەت ۋە پارە ئالمىشىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىدىن باشقا بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تورسىز بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق قارىمدىن خالىغىنىڭىزنى تاللاپ ئاڭلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى (داۋاملىق يېڭىسى قوشۇلۇپ تۇرىدۇ ئىنشا ئاللاھ).
- قىسقىچە بۇ دېتال لايىھىسى كۆركەم ۋە ئۆزگىچە، ئىقتىدارى ياخشى، قوللىنىشچان. بۇ دېتال پايدىلىنىشىڭىزنى، كېچىسىنى كۈندۈزىگە قېتىپ بۇ دېتالنىڭ كودىنى يازغان، لايىھەلىگەن، تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىڭىز بولسا دۇئالىرىڭىزنى كۈتمەكتە.
جانابى ئاللاھتىن بۇ دېتالنى خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، بىز ئۈچۈن بولسا سەدەقەئى جارىيە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.
What’s New
Version 4.2
بەزى يانفۇنلاردا قارا ئىكران چىقىۋىلىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى
دۇئا ھەمبەھىرلەشتە كۆرۈلگەن مەسىلە تۈزىتىلدى
Ratings and Reviews
تەۋسىيە
ماشائاللاھ ئاللاھ سىلەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىندىشىلار !بۇئەپ بەك ئىسىل بوپتۇ شۇنداقتىمۇ ئارزۇيۇمنى يازغىن كەلدى
1ئايەتنى ئەپنىڭ ئىچىگە چۇشۇرۋىلىش
2تىلاۋەت سەھىپىسىدىكى ھەربىر قارىنىڭ ھەربىر ئوقۇغان سۇرىنىڭ ئايەتلىرىنى يەككە ئوقۇتۇپ توختىتىپ قۇيۇش ئىقتىدارى 3 تىلاۋەت سەھىپىسىدىكى ھەربىر قارىنىڭ ھەربىر سۇرىنى ئوقىغان چاغدا ئاپتۇماتىك قۇرئان بىتى كۆرۇنۇپ ئاۋاز بىلەن قۇرئان يېزىقى تەڭ ماسلىشىپ چىقىشى
4 قۇرئاننىڭ ئەڭ يىڭى رەڭلىك پەرىقلىك تەجۋىد ھەرىپلىك شەكلىنىڭ بۇلۇشىنى QuranMajeed دەك بۇلۇشىنى تىلەيمەن
چۇنكى بۇ ئەپ يىڭىدىن مۇئەللەمسىز ئەگىشىپ ئۈگەنگۈچىلەر ئۇچۇن بەك قولايلىق رەھمەت ئارزۇيۇمنى يازدىم رەنجىپ قالمىغايسىلەر
Developer Response ,
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
تەپسىر يېڭى نەشرىدە نورمال ئىشلەيتتى ئەپسۇسكى يېڭى نەشرى سەل كېچىكىپ كەتتى.
تەجۋىدلىك شەكلىنى قوشماقچى ئىدۇق بىراق يېتىشىپ بولالـمايۋاتىمىز.
App Privacy
The developer, Abdullah karakas, has not provided details about its privacy practices and handling of data to Apple. For more information, see the developer’s privacy policy.
No Details Provided
The developer will be required to provide privacy details when they submit their next app update.
Information
- Provider
- Abdullah karakas
- Size
- 126.7 MB
- Category
- Books
- Compatibility
-
- iPhone
- Requires iOS 11.4 or later.
- iPod touch
- Requires iOS 11.4 or later.
- Apple Vision
- Requires visionOS 1.0 or later.
- Languages
-
English
- Age Rating
- 4+
- Copyright
- © 2017
- Price
- Free