قۇرئان كەرى‪م‬ 4+

Abdullah karakas

    • 4.9 • 10件の評価
    • 無料

iPhoneスクリーンショット

説明

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
بۇ دېتال، قۇرئان كەرىم دېتالى ئۆز كاتېگورىيىسىدە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق دېتال. بۈگۈنگە قەدەر لۇغەت، قامۇس، ئۈن - سىن ، تور ۋە مۇنبەر قاتارلىق ساھەلەردە خېلى ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە دېتاللار ياسىلىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنگىچە بۇنداق بىر دېتال ياسالغان ئەمەس. بىز ھازىرغا قەدەر ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدۇق دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق ئويلاپ قالساق خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ھازىرغىچە بىر نەچچىلىگەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان دېتاللار خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ دېتاللار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ۋاقىت ئاجراتقان ياكى ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا بۇ دېتالنىڭ ئۆزگىچىلىكى نېمە؟
- بۇ دېتال نۆلدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىلدى.
- يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھىلەندى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كونا يېزىق، لاتىن يېزىقى ۋە كرىل يېزىقى بىلەن بولۇپ جەمئى ئۈچ خىل شەكىلدە قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىش ياكى تاللاپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولۇشىڭلار ئۈچۈن 2013 – يىلى نەشىر قىلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىمۇ قوشۇلدى. (كېلەر قېتىمقى نەشرىدە قوشۇلىدۇ)
- ئۇيغۇرچىدىن باشقا يەنە ئون نەچچە تىل قوشۇلدى.
- تەپسىر (ھازىرچە ئەرەبچىسى قوشۇلدى، كېلەر قېتىمقى نەشرىدە ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇش نىيىتىمىز بار)، قۇرتۇبى، سەئدىي، بەغەۋىي، ئىبنى ئاشۇر، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە ئەلۋسىيت قاتارلىق ئەسەرلەر قوشۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن تورسىز پايدىلىنالايسىز.
- ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- ئايەتلەرنى تاللانغان تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ھەمبەھىرلەش ياكى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- بەت ۋە پارە ئالمىشىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىدىن باشقا بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تورسىز بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق قارىمدىن خالىغىنىڭىزنى تاللاپ ئاڭلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى (داۋاملىق يېڭىسى قوشۇلۇپ تۇرىدۇ ئىنشا ئاللاھ).
- قىسقىچە بۇ دېتال لايىھىسى كۆركەم ۋە ئۆزگىچە، ئىقتىدارى ياخشى، قوللىنىشچان. بۇ دېتال پايدىلىنىشىڭىزنى، كېچىسىنى كۈندۈزىگە قېتىپ بۇ دېتالنىڭ كودىنى يازغان، لايىھەلىگەن، تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىڭىز بولسا دۇئالىرىڭىزنى كۈتمەكتە.
جانابى ئاللاھتىن بۇ دېتالنى خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، بىز ئۈچۈن بولسا سەدەقەئى جارىيە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

新機能

バージョン 4.2

بەزى يانفۇنلاردا قارا ئىكران چىقىۋىلىش مەسىلىسى تۈزىتىلدى
دۇئا ھەمبەھىرلەشتە كۆرۈلگەن مەسىلە تۈزىتىلدى

評価とレビュー

4.9/5
10件の評価

10件の評価

نۇرەين

ئەپ iPhone 5s تېلفۇندا ئېچىلمايۋاتىدۇ

بۇ ئەپتىن ياخشى پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. يېڭى نۇسخىسى چىققاندىن كىيىن uodate قىلسام ئېچىلماس بوپ قالدى. يۇيۇپ قايتا چۈشۈرۈپ باقتىم سىغىمى قالمىغان بولسا دەپ تېلفۇننى تازىلاپ باقتىم يەنىلا ئېچىلمايدۇ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم ياردەم قىلغان بولساڭلار رەھمەت

デベロッパの回答

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
ئەپسۇسكى يېڭى نەشرى شۇنداق بولۇپ قالدى. ئەمما بۇ كونا تېلېفونلارنىڭ بەزى ئىقتىدارلارنى قوللىماسلىقى تۈپەيلىدىن بولۇپ، تېخنىك بىر مەسىلە ئەمەس.

سەبى

ئۇيغۇرچە ئوقۇلىشى

ئەرەپچىنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇلىشى بولسا بەك ياخشى بولاتتى

デベロッパの回答

بۇ تەلەپكە جاۋاب بېرىپ بولالـمىغۇدەكمىز. ئەپ-دېتال يۇتۇبې سەھىپىمزدە قۇرئان ئۆگىنىش دەرسلىكى بار . شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىپ ئەرەبچىسىدىنلا ئوقۇشنى ئۆگەنسىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بايقالغان خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، تەستىققا يوللاندى؛ بۈگۈن-ئەتە ئەڭ يېڭى نەشرى ھۇزۇرىڭىزدا بولىدۇ، ئىنشائاللاھ.
‏www.ewlat.net/ewlatnet@gmail.com

ئۇيغۇر تارو

تەرجىمىسى توغرىسىدا

سۈرە بەقەرە نىڭ 156-ئايىتى نىڭ ئۇيغۇرچىسى كىرگۈزۈلمەپتۇ ،

デベロッパの回答

رەھمەت، تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ قويايلى.

アプリのプライバシー

デベロッパである"Abdullah karakas"は、プライバシー慣行およびデータの取り扱いについての詳細をAppleに示していません。詳しくは、デベロッパプライバシーポリシーを参照してください。

詳細が提供されていません

デベロッパは、次のアプリアップデートを提出するときに、プライバシーの詳細を提供する必要があります。

このデベロッパのその他のアプリ

Awazliq Kitap
ブック
Ewlat
教育
Awazliq Eserler
ブック
ئەۋلاد لۇغىتى
教育
ئۇيغۇرچە قۇرئان
教育

他のおすすめ

يانغىن ئېلكىتاب ئامبىرى‎
ブック
ئىزچى
ブック
Al Quran by Quran Touch
ブック
アラビア語辞書 +
ブック
Quran Study – Arabic & English
ブック
القرآن الكريم - مكتبة الحكمة
ブック