ئەۋلاد لۇغىت‪ى‬ 4+

Abdullah karakas

iPhone için tasarlandı

    • 4,9 • 35 Oy
    • Ücretsiz

iPhone Ekran Görüntüleri

Açıklama

بۇ كۆپ تىللىق لۇغەتكە ئۇيغۇرچە، چاغاتايچە، تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، ياپونچە، رۇسچە، نورۋېگچە، قازاقچە، خەنزۇچە قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق تىل كىرگۈزۈلگەن. لۇغەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى تاق ۋە قوش يۆنىلىشلىك. بۇنىڭدىن سىرت ھەر قايسى تىللارنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتلىرى، ئۇيغۇرچە ماقال - تەمسىللەر، تۇراقلىق ئىبارىلەر، ئىدىيوم ، يەر – جاي ناملىرى، دىنىي ئاتالغۇلار، كىشى ئىسىملىرى ۋە ھەر خىل كەسپىي لۇغەت ۋە سۆزلۈكلەر مەۋجۇت. ئومۇمىي لۇغەت سانى 80 خىلغا يېتىدۇ. سۆزلۈك زاپىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، بىر قانچە مىليوندىن ئاشىدۇ. لۇغەت ۋە سۆزلۈكلەر ۋەتەن – ئىچى سىرتىدا نەشر قىلىنغان ھەرقايسى قامۇس، لۇغەت ۋە سۆزلۈك كىتابلىرىدىن ئېلىنغان. «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە قامۇس (مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم)» ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (خېۋىر تۆمۈر، ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي)» قاتارلىق بىر قانچە لۇغەت كىتابلىرى «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەن. نەشر ھوقۇقى يەنىلا لۇغەت ئىگىلىرىگە تەۋە. ئەگەر «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
بۇ ئەپ دېتالىمىزغا يەنە ئىملا تەكشۈرگۈچ، يېزىق ئالماشتۇرغۇچ ۋە خاتىرە دەپتەر قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلدى. لۇغەتلەر داۋاملىق كۆپەيتىلىدۇ، يېڭىلىنىدۇ ۋە دېتال ئىقتىدارلىرى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

Yenilikler

Sürüm 2.0

كۆرۈنمە يۈزى كۆپ تىللىق تاللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئىزدىگەندە نامزات سۆزلۈكلەر كۆرۈنىدىغان ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئىزدىگەن سۆزلەرنى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئىزدىگەن سۆزلەرنى ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئىنگىلىزچە سۆزلۈكنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى
نۇرۋېگچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت قوشۇلدى
ئۇيغۇرچە - تۈركچە لۇغەت قوشۇلدى (بەزى خاتالىقلار تەدرىجى تۈزىلىدۇ)
چۈشۈرۈۋالغان سانداننى ئۆچۈرۈۋېتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى
ئىزدەش ئېكرانى ئاسانلاشتۇرۇلدى
تېزلىكى ئاشۇرۇلدى
بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى

Oylar ve Yorumlar

4,9/5
35 Oy

35 Oy

obulkasim786 ,

👍👍👍

بەك بەك ياخشى بوپتۇ ، ئاللاھ قىلغان ئەمگىكىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلغاي

Geliştirici Yanıtı ,

ئامىن، يا رەب!

مۇنتەزىر ,

مۇنتەزىر

ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن قېرىنداشلىرىم ،ئەجرىڭلارنى بەرسۇن

Geliştirici Yanıtı ,

رەھمەت

ئۇيغۇ يىگىت ,

روسچە بارمۇ

؟

Uygulama Gizliliği

Abdullah karakas adlı geliştirici, gizlilik politikasını ve verileri işleme ayrıntılarını Apple’a vermemiştir. Daha fazla bilgi için geliştiricinin gizlilik politikası bölümüne bakın.

Bilgi Verilmedi

Bir sonraki uygulama güncellemesini teslim ederken geliştiricinin gizlilikle ilgili bilgi vermesi gerekir.

Bu Geliştiricinin Diğer Uygulamaları

Awazliq Kitap
Kitaplar
قۇرئان كەرىم
Kitaplar
Ewlat
Eğitim
Awazliq Eserler
Kitaplar
ئۇيغۇرچە قۇرئان
Eğitim

Diğer Beğenebilecekleriniz

Nur TV
Eğitim
Kayseri Sürücü Kurs
Eğitim
Türkçe Sözlük ve Hazine
Referans
Lale Sürücü Kursu Uygulaması
Eğitim
GİMDES Helal Gıda
Referans
2021 Çıkmış Ehliyet Soruları
Eğitim