iPhone Screenshots

Description

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
بۇ دېتال، قۇرئان كەرىم دېتالى ئۆز كاتېگورىيىسىدە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق دېتال. بۈگۈنگە قەدەر لۇغەت، قامۇس، ئۈن - سىن ، تور ۋە مۇنبەر قاتارلىق ساھەلەردە خېلى ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە دېتاللار ياسىلىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنگىچە بۇنداق بىر دېتال ياسالغان ئەمەس. بىز ھازىرغا قەدەر ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدۇق دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق ئويلاپ قالساق خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ھازىرغىچە بىر نەچچىلىگەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان دېتاللار خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ دېتاللار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ۋاقىت ئاجراتقان ياكى ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا بۇ دېتالنىڭ ئۆزگىچىلىكى نېمە؟
- بۇ دېتال نۆلدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىلدى.
- يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھىلەندى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كونا يېزىق، لاتىن يېزىقى ۋە كرىل يېزىقى بىلەن بولۇپ جەمئى ئۈچ خىل شەكىلدە قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىش ياكى تاللاپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولۇشىڭلار ئۈچۈن 2013 – يىلى نەشىر قىلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىمۇ قوشۇلدى. (كېلەر قېتىمقى نەشرىدە قوشۇلىدۇ)
- ئۇيغۇرچىدىن باشقا يەنە ئون نەچچە تىل قوشۇلدى.
- تەپسىر (ھازىرچە ئەرەبچىسى قوشۇلدى، كېلەر قېتىمقى نەشرىدە ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇش نىيىتىمىز بار)، قۇرتۇبى، سەئدىي، بەغەۋىي، ئىبنى ئاشۇر، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە ئەلۋسىيت قاتارلىق ئەسەرلەر قوشۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن تورسىز پايدىلىنالايسىز.
- ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- ئايەتلەرنى تاللانغان تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ھەمبەھىرلەش ياكى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- بەت ۋە پارە ئالمىشىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىدىن باشقا بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تورسىز بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق قارىمدىن خالىغىنىڭىزنى تاللاپ ئاڭلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى (داۋاملىق يېڭىسى قوشۇلۇپ تۇرىدۇ ئىنشا ئاللاھ).
- قىسقىچە بۇ دېتال لايىھىسى كۆركەم ۋە ئۆزگىچە، ئىقتىدارى ياخشى، قوللىنىشچان. بۇ دېتال پايدىلىنىشىڭىزنى، كېچىسىنى كۈندۈزىگە قېتىپ بۇ دېتالنىڭ كودىنى يازغان، لايىھەلىگەن، تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىڭىز بولسا دۇئالىرىڭىزنى كۈتمەكتە.
جانابى ئاللاھتىن بۇ دېتالنى خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، بىز ئۈچۈن بولسا سەدەقەئى جارىيە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

What’s New

Version 3.0

«قۇرئان كەرىم» دېتالىنىڭ iOS يەنى «ئالـما» نۇسخىسى يېڭىلاندى. يېڭى نەشرىدىكى يېڭىلىقلارنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:
1- دېتالنى تاقىۋېتىپ قايتىدىن قوزغاتقاندا ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان سەھىپە ئېچىلىدۇ.
2- دېتالنى قوزغاتقاندا باشبەتتە قۇرئان ئوقۇش بېتى ئېچىلىدۇ.
3- سەھىپە، سۈرە ۋە پارە تاللاش ئېكراننىڭ سول تەرىپىگە يۆتكەلدى.
4- ئوڭ تەرەپكە سەھىپە تىزىملىكى قويۇلدى.
5- ئىبنى كەسىر تەپسىرى ئوڭشالدى.
6- قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرى تىزىملىكى يېڭىلاندى.
7- ئىزدەش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى.
8- سىن دەرسلىرى سەھىپىسى قوشۇلدى.
9- «قۇرئاندىكى تېمىلار» سەھىپىسى قوشۇلدى.
10- دۇئالار سەھىپىسى قوشۇلدى.
11- «تىلاۋەت ئاڭلاش» ئىقتىدارىغا ئاپتۇماتىك سۈرە ئاتلاش، خالىغان سۈرىلەرنى چۈشىرىۋېلىپ تورسىز ئاڭلاش ۋە خالىغان سۈرىنى ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.

Ratings and Reviews

4.8 out of 5
35 Ratings

35 Ratings

İlterish ,

يېڭى نەشىرىنى كۈتىمىز.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھ رازى بولسۇن.
بۇ ئەپنى يېڭى تىپ يانفۇنلارغا ماسلاشتۇرغان بولساڭلار بەكمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولغان بۇلاتتى رەھمەت سىلەرگە.
iPhone X , Xs , XsMax .,,قاتارلىقلارغا.

Developer Response ,

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
يېقىندا يېڭى نەشرى تارقىتىلىدۇ، ئىنشائەللاھ.

Need to update for iPhone x ,

يېڭىلانما

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئامال بولسا iPhone X xs max لارغا ئۇيغۇن بىر يېڭىلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىكەن

Developer Response ,

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
يېقىندا يېڭىلانماقچى.

ئىشلەتكۈچى ,

تەپسىر ئىچىلمىدى

يىڭى نەشرىنى قاچىلىغانتىم، ئىبنى كەسىر، بەغەۋىي، تەبەرى ...قاتارلىق ئەرەپچە تەپسىرلەر ئىچىلمىدى، پەقەت ئىبنى كەسىرنىڭ ئەرەپچىسىدىن باشقا ھىچ قايسى ئىچىلمىدى، تەپسىرنى ئالماشتۇردىغان جايدىن باشقا تەپسىرنى كۆرسىتىپ بەرسەم توردىن چۈشۈرۈڭ دىگەن ئۇچۇر چىقتى، ئەمما موۋاپىقىيەتلىك چۈشتى دەپ ئۇچۇر چىقىپ يەنىلە ئىچىلمىدى

Developer Response ,

يېڭىلىنىش ئالدىدا تۇرغان نۇسخىدا تەپسىر نورماللاشتى.
باشقا يېڭىلىقلارمۇ بار، ئەلۋەتتە!

Information

Provider
Abdullah karakas
Size
147 MB
Category
Books
Compatibility

Requires iOS 9.1 or later. Compatible with iPhone, iPad and iPod touch.

Languages

English

Age Rating
4+
Copyright
Price
Free

Supports

  • Family Sharing

    Up to six family members will be able to use this app with Family Sharing enabled.

You May Also Like