Awazliq Kitap 4+

Abdullah karakas

專為 iPad 設計

    • 免費

簡介

ئاۋازلىق كىتاب دېتالى ھەققىدە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كىتاب سۆيەر قېرىندىشىم!
ئاۋازلىق كىتاب دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە ياقتۇرۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
دېتالنىڭ بۇ نەشرىدە دېتالنىڭ كۆرۈنۈشى ئەلالاشتۇرۇلغاندىن سىرت بۇرۇنقىسىدا مەۋجۇت بولغان بىر قىسىم تېخنىك خاتالىقلار تۈزىتىلدى ۋە چۈشۈرۈش سۇپىسى ئەلالاشتۇرۇلدى.
سىز بۇ دېتال ئارقىلىق ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن داڭلىق تارىخى رومان، نەسر، ھېكايە-چۆچەك، مەسەل ۋە تەرجىمىھال ساھەسىدە قەلەمگە ئېلىنغان ئەمما ئاساسلىقى تارىخى روماندىن ئىبارەت بولغان 50 دىن ئارتۇق ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئاڭلىيالايسىز.
خالىسىڭىز تور بار جايدا يانفونىڭىزغا ساقلىۋېلىپ تور بولمىغان جايلاردىمۇ ئاڭلىيالايسىز.
ئاللاھ خالىسا مەزكۇر دېتال داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ناۋادا دېتالنى ياقتۇرغان بولسىڭىز باشقا قېرىنداشلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. چۈنكى ياقتۇرغانلىرىمىزنى دوست-يارەنلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىش ۋە ھەمبەھىرلەش ئالى جانابلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللى نىشانىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش:
- مەزكۇر دېتال ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇپ بولغان ياكى ئوقۇيالمىغان كىتابلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلدى.
- بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى توردىن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نەشر ھوقۇقى نەشر قىلغان ئورۇنغا ئائىت.
- مۇمكىن قەدەر كىتابلارنىڭ بېسىلغان نۇسخىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك كىتابخانىلاردىن سېتىۋېلىپ ئوقۇشىڭىزنى ۋە ساقلاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك كىتابنىڭ بېسىلغان نۇسخىسىنى ئوقۇش ۋە مۇھىم جايلىرىنى سىزىپ، خاتىرە تۇتۇپ ئوقۇشنىڭ ھۇزۇرى ۋە پايدىسى ئۆزگىچە.
- بۇ دېتالدىكى ئەسەرلەرنى چۈشۈرۈپ، جۇغلاپ ھەقلىق تارقىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
- بىر ئەسەرنىڭ بۇ دېتالغا كىرگۈزۈلگەن بولۇشى مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ.
- دېتالغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرگە ئالاقىدار پىكرى بار قېرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىغا تىلەكداشمىز؛
- ئا- پىكرىڭىز ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئالاقىدار بولسا، ئاپتورى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- ب- ئەگەر سىز ئەسەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئەسەرنىڭ بۇ دېتالدا تارقىتىلىشىنى خالىمىسىڭىز بۇنى awazliqkitap@gmail.com ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىزگە مەلۇم قىلسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر ئەسەرنى دېتالدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشىمىز. (شۇنداقتىمۇ بۇ دېتال ئارقىلىق ئادەتتە ئەسىرىڭىزنى سېتىۋالغان ياكى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قېرىنداشلىرىڭىزنىڭمۇ ئەسرىڭىزدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارمىغايسىز.)
- دېتالغا ئالاقىدار تەكلىپ – پىكرىڭىز بولسا awazliqkitap@gmail.com ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- ناۋادا قولىڭىزدا ئۇيغۇر خەلقىگە پايدىلىق ئىلمى، تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە سۈپەتلىك ئاۋازلىق ئەسەر بولسا يۇقىرىدىكى ئىلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بەرسىڭىز، (دېتال ياسىغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى شەرتى بىلەن) خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن دېتالغا قوشۇپ قويىمىز.
- ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كېلەچەك تىلەيمىز.
- ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاۋازلىق كىتاب دېتالى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.2017.08.25


Dear Brother and Sister,

This app containing free audio books has been prepared for the use of Uighur brothers and sisters who are not able to read them. You can listen to about 50 audio books via installing the app to your smart phone online or downloading them to your smart phone offline.

Reminder: The audio books have been simply downloaded from various websites; and the copy right of them belongs to the publisher. Therefore, the audio books can’t be used for commercial purposes. We are not responsible for and may not necessarily agree with the contents of the audio books; any comment on the contents of the audio books needs to be directed to the author. If you hold the copy right of any of the audio books and you don’t want them to be distributed within this app, please write to awazliqkitap@gmail.com. Any comments or suggestions are welcome to the same e-mail. We kindly ask you to help us to realize useful works like this via donating or praying.

新內容

版本 5.0.3

ئاۋاز ھۆججىتى تىزىملىكىدىكى تۇنجى ھۆججەت كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسى، ئارقا سۇپىدا تەھرىرلەنگەن كىتابلار يېڭىلانماسلىق مەسىلىسى تۈزىتىلدى.

App 隱私權

開發者「Abdullah karakas」指出 App 的隱私權實務可能包含下方描述的資料處理。如需更多資訊,請參閱開發者的隱私權政策

不收集資料

開發者不會從這個 App 收集任何資料。

隱私權實務可能因你使用的功能或你的年齡等因素而有所不同。進一步瞭解

更多此開發者的作品

ئەۋلاد لۇغىتى
教育
Ewlat
教育
قۇرئان كەرىم
書籍
Awazliq Eserler
書籍
ئۇيغۇرچە قۇرئان
教育

你可能也會喜歡

يانغىن ئېلكىتاب ئامبىرى‎
書籍
ئىزچى
書籍
Irk Bitig
書籍
Dini Hikayeler - Oku ve Dinle
書籍
Tokat E-Kitap
書籍
Daily Dua Readings
書籍