Ewlat 4+

Abdullah karakas

專為 iPad 設計

    • 免費

簡介

ئەۋلاد دېتالى ھەققىدە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!
ئەۋلاد دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە ياقتۇرۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ www.ewlat.net توربېكىتىدە تارقىتىلغان كارتون ۋە فىلىملەرنى ئالما ئۈسكۈنىلىرىدە بىمالال كۆرەلىشىڭىز ئۈچۈن تەييارلانغان "ئەۋلاد" (EWLAD) ناملىق بۇ دېتالنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.
ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ياساتقۇزۇپ تارقىتىلغان "ئۇيغۇر ئەۋلاد" ناملىق ئەپنى چۈشۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز. قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
سىز چۈشۈرگەن بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق: (يېڭىدىن تەييارلىنىدىغان ماتېرىياللار تەييار بولغانسېرى بۇ ئەپكە يوللىنىپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.)
ئەپكە كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:
1- 3 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەركىب تاپقان "ئەخمەت ۋە دوستلىرى ئىمان-ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى ئۆگەنمەكتە" ناملىق كارتون فىلىم.
2- 32 قىسىمدىن تەركىب تاپقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى چۈشەندۈرگەننىڭ سىرتىدا ھەر قىسىمنىڭ بېشىدا مەلۇم بىر تېما ھەققىدە توختالغان "مېنىڭ گۈزەل پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام" ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىم.
3- ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان بولغان نامازنىڭ ئوقۇلۇش قائىدىسىنى ۋە مۇھىم ئاساسلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ تارقىتىلغان جەمئىي 4 قىسىملىق "ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى" ناملىق كارتون فىلىم.
4- قۇرئان كەرىمنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن ئۆزلۈكىدىن تەجۋىدىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان ۋە 8 جېگابايتلىق 4 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر يۈرۈش "قۇرئانى كەرىم خەتمى" نىڭ پارىلار بويىچە ئايرىلغان ھۆججەتلىرى.
5- سېنارىيەسىنى مۆھتەرەم يۇسۇف ئەلقەرداۋىي قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىملار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن mbc شىركىتى تەرىپىدىن بىرلىكتە مەبلەغ سېلىنىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇلغان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان 31 قىسىملىق "كۆپ قىسىملىق ھەزرىتى ئۆمەر فىلىمى" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى.
6- قۇرئان كەرىمدىكى مۇھىم ھۆكۈملەرنى تېما قىلغان "قۇرئان يوليورۇقلىرى" ناملىق 30 قىسىملىق كارتون فىلىم.
7- 1990- يىللاردا تۈركىيەدە سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان ۋە تۈركىيەدە داۋالغۇش پەيدا قىلغان 2 قىسىملىق (تەخمىنەن 4 سائەت ئۇزۇنلۇقىدا) "مىنيەلىك ئابدۇللاھ" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى.
8- ئاللاھ بىلەن قۇل ۋە بەندە بىلەن بەندە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەق-ھوقۇقلار تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "قۇل ھەققى" ناملىق كارتون فىلىم.
9- قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى قېرىنداشتىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان ھابىل بىلەن قابىل قىسسىسى تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "ھابىل بىلەن قابىل" ناملىق كارتون فىلىم.
10- بۈگۈن ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەندە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ئىلىم-پەننىڭ ئۇلىنى مۇسۇلمانلارنىڭ سالغانلىقىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلغان "1001 كەشىپ ۋە كۇتۇپخانىنىڭ سىرى" ناملىق قىسقا فىلىم.
ئۇندىن باشقا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغان بىر قىسىم ئاۋازلىق ئەسەرلەر بىلەن ئۇيغۇرچە لايىھەلەنگەن كارتونلارنىمۇ بۇ دېتال ئارقىلىق كۆرۈپ پايدىلىنالايسىز.
جانابى ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يوللار ئارقىلىق قىلىش ئېڭىغا ئىگە قىلسۇن. بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلسۇن.
ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كېلەچەك يار بولسۇن.
ئىقتىسادىي ياردەم ئۈچۈن ئادرېسىمىز: Paypal.com ئارقىلىق ewlatbiz@gmail.com
تور بېكەت ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net
ئىلخەت ئادرېسىمىز: ewlatnet@gmail.com
ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد تەلىم – تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.

新內容

版本 4.0.1

كۆرۈنمە يۈزلەر ئەلالاشتۇرۇلدى، سىن قويۇلۇپ كەلگەن يېرى خاتىرىلىنىدىغان قىلىندى. iOS11 ۋە يۇقىرى نەشرى قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

App 隱私權

開發者「Abdullah karakas」指出 App 的隱私權實務可能包含下方描述的資料處理。如需更多資訊,請參閱開發者的隱私權政策

不收集資料

開發者不會從這個 App 收集任何資料。

隱私權實務可能因你使用的功能或你的年齡等因素而有所不同。進一步瞭解

更多此開發者的作品

Awazliq Kitap
書籍
ئەۋلاد لۇغىتى
教育
قۇرئان كەرىم
書籍
Awazliq Eserler
書籍
ئۇيغۇرچە قۇرئان
教育

你可能也會喜歡

Nur TV
教育
維吾爾語
教育
Âlim - İslam Akademisi
教育
Türkçe Sözlük ve Hazine
參考
Gif Sözlük - İngilizce Kelime
教育
Dîni Sözlük
參考